27.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1698319
27.08.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيە باش مىنىستىرى يېن كاستېكىسنىڭ، فىرانسىيەنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشنىڭ جۈمە كۈنى كەچتە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو› گېزىتى» (Le Figaro)، فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 110 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 2 مىڭ 261 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، ئىيوردانىيەنىڭ ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، كابۇلدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىرىغا تەھدىت سېلىپ قىلغان، «ئىزىڭلارغا چۈشىمىز ۋە سىلەرگە بەدەل تۆلەتكۈزىمىز» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، «قاتار كابۇل ئايرودۇرۇمى ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى ۋە ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Bild.de› خەۋەرلەر تورى»، ئافغانىستاندىكى پارتلاشتا 13 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تېررورچىلارغا: «سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹شپىيگېل.دې› خەۋەرلەر تورى» (Spiegel.de)، ئافغانىستاندىكى پارتلاشتىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بايراقلارنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلگەنلىكىنى يازدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹خاندېلسبلات› گېزىتى» (Handelsblatt)، ياۋروپا مەركىزىىي بانكىسىنىڭ، ياۋرو رايونىدا ئوتتۇرا مەزگىلدە يۈكسەك سەۋىيەدە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «‹ر ب ك› تېلېۋىزىيەسى» RBK، رۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى رۇس 5 – ۋاكسىنىسىنىڭ ئىشلىتىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹كوممېرسانت› گېزىتى» (Kommersant)، قازاقىستاندا بىر ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 4 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 90 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ئېل پائىس› گېزىتى» (El País)، ئىسپانىيەنىڭ ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى مۇشۇ جۈمە كۈنى تاماملاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ئېل مۇندو› گېزىتى» (El Mundo)، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كابۇل ئايرودۇرۇم قەتلىئامىدىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ دائېش ھۇجۇملىرىغا قارشى تەييارلانماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹تېلېسۇر› گېزىتى»، (TeleSur)، كۇبادا «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى تەخمىنەن 12.9 مىليون شېشە ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر