25.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1696939
25.08.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، «ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 15 ياشلىق پەلەستىنلىك ياش دەپنە قىلىندى.» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، قاتارنىڭ، قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنى ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئۆتۈش ئېغىزى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ تاگېسشاۋ.دې› تورى» (tagesschau.de)، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گېرمانىيە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېتلېف شېلې، گېرمانىيەنىڭ يىلىغا 400 مىڭ كۆچمەنگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ كۆپ كۆچمەننى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيەنىڭ ئەمگەك كۈچى تۈگەۋاتىدۇ.»

گېرمانىيەنىڭ «‹Welt.de› خەۋەرلەر تورى»، « گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، 7 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، <بىز كابۇلدىكى قاپسىلىپ قالغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىسىز داۋاملاشتۇرىمىز> دېدى.» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، تالىباننىڭ ئافغانلارنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې پارىسىيىن› گېزىتى» (Le Parisien)، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، پفىزېر ۋە مودېرنا ۋاكسىنىلىرىنىڭ دېلتا ۋارىيانتىغا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى% 66 كە چۈشۈپ قالغان.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو› گېزىتى» (Le Figaro)، «دۇنيا بانكىسى ئافغانىستانغا قارىتا ئىقتىسادىي ياردەمنى توختاتتى؛ بانكا ئاياللارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەنىڭ مارتىنىك ئارىلىدا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدىكى تولۇق تاقىلىش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتىنىڭ يەنە 3 ھەپتە ئۇزارتىلغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹لا ۋانگۇاردىيا› گېزىتى» (La Vanguardia)، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، تەنقىدلەرگە قارىماي، 31 – ئاۋغۇستتا كابۇلدىن چېكىنىشنى تاماملاش پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹ئىنفوبىيە› گېزىتى» (Infobae)، ئۇرۇگۋاي خەلقىنىڭ % 70 تىگە ئىككى شېشە ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «‹گازەتە.رۇ› تورى» (Gazeta.ru)، «تالىباننىڭ قاتاردىكى ئىشخانىسىنىڭ ۋەكىلى، تالىباننىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹رېگنۇم› ئاگېنتلىقى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

رۇسىيەنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدىكى دۆلەت قەرزى 20 تىرىليون 400 مىليارد رۇبلېغا يەتتى (بۇ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 17.7 تىنى تەشكىل قىلىدۇ).

رۇسىيەنىڭ «‹تاسس› ئاگېنتلىقى» (TASS)،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە كوللىكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ  500 دىن ئارتۇق پۇقراسىنى ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر