26.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1697737
26.08.2021

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىڭ فىرانسىيەدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى بىلەن مەجبۇرى  ئەملىنىشنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو›  گېزىتى»، فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا ئاساسلانغاندا، مارىنې لېپېن ۋە ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئالدىنقى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، پارىژ سانت گېرمان تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى لېئوناردو ئاراۋجونىڭ كېليان مىباپپې ئۈچۈن «ياق» دېگەنلىكىنى، ئەمما ئۇ كەتمەكچى بولسا، ئۇنى تۇتۇۋالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى»، مىليونلىغان ئافغانىستان پۇقراسىنىڭ ئاچارچىلىق گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، دۇنيا يېمەكلىك پروگراممىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بولسا، ئافغانىستاندىكى كوۋىد-19 يۇقۇمىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»،  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «كوۋىد-19 نىڭ تارقىلىش نىسبىتى مۇقىملىشىشقا باشلىدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»،  قاتارنىڭ ئافغانىستاندىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئىسپانىيە زېمىنى سېئۇتا ئاپتونۇم شەھىرىنىڭ باشلىقى جۇئان جوسې ۋىۋاسنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن، سېئۇتا شەھىرىگە كەلگەن ماراكەشلىك بالىلارنىڭ قايتۇرۇلىشى ئۈچۈن تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىش قارارى ئېلىشقانلىقلىرىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Mundo› گېزىتى»، ئىسپانىيەدىكى يېڭى ئوقۇش يىلىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كۆپ قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋە قۇر ئارىلىقىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»،  كۇبادىن كەلگەن يېڭى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ھايتىدا يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 «گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى»، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ئافغانىستاندىكى مەپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تالىبان بىلەن بولغان سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، كامچاتكا يېرىم ئارىلىدىكى شىۋلۇچ يانار تېغىنىڭ ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى، رۇسىيە دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (Roskosmos) نىڭ رەئىسى دىمىترىي روگوزىننىڭ 5-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «Soyuz MS-19» ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش مۇراسىمىغا ئېلون ماسك، رىچارد برانسون ۋە جېف بېزوسنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «<RBK > گېزىتى »، تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن 4 رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ پودموسكوۋىي ئايرودۇرومىغا قونغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر