24.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1696349
24.08.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئافغانىستان توغرىسىدا زور دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن گېزىتى»، ئافغانىستاندىكى كابۇل ئايرودۇرۇمىدا چىققان قالايمىقانچىلىقتا نۇرغۇن كىچىك بالىلارنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ئافغانىستاندىكى گېرمانىيەلىك ۋە يەرلىك خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ كېچىكىشى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانېگرېت كامپ كاغىنباۋانىڭ (Annegret Kramp-Karrenbauer)، «مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكى» نى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى (Tageschau.de)، ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيەنىڭ جىددىي ئەھۋاللاردا پاناھلىنىش مەركەزلىرىنى قۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان تەخمىنەن 4 مىڭ كىشىنىڭ باۋيېرا ۋە غايىنلاند فالزدىكى (Rheinland-Pfalz) ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، فىرانسىيەگە ئېلىپ بېرىلغان بەش ئافغانىستانلىقنىڭ تالىبانغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيە سەھىيە مىنىستىرى ۋېراننىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، سېنتەبىر ئېيى (2021) دىن باشلاپ 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئۈچىنچى شىشە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19 ) ۋاكسىناسى ئەملىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «روسىسىيىسكايا گېزىتى» (Rossiyskaya)، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، «رۇسىيە گاز يەتكۈزۈشتە ئۇكرائىنا زېمىنىدىن پايدىلانماي تۇرۇپمۇ نىشانىغا يېتەلىشى مۇمكىن» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ر ب ك تېلېۋىزىيەسى» (RBK)، 2021-يىلىنىڭ يانۋار ئېيىدىن ئىيۇل ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە، تۈركىيەگە 1.55 مىليوندىن ئارتۇق رۇسىيەلىك ساياھەتچىنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ئىسپانىيەدە مەكتەپلەرنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى بىلەن ئەملەش سايىسىدا ئوقۇش باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئامېرىكانىڭ فايزېر (Pfizer) ۋە بىيونتېك (BioNTech) ۋاكسىناسىنى تولۇق تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر