29.07.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1682177
29.07.2021

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹Frankfurter Allgemeine Zeitung› گېزىتى»، ئامېرىكا دورا ماگناتى «Pfizer» شىركىتى بىلەن «BioNTech» شىركىتى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنىڭ سودا مۆلچەرىنى %29 ئۆستۈرۈپ، 33 مىليارد 500 مىڭ دوللارغا چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹Sueddeutsche. Zeitung› گېزىتى»،  روك مۇزىكا ئەترىتى (ZZ Top) نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى داستىي ھىلنىڭ 72 يېشىدا تېكساسدىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«گېرمانىيە ئاۋازى راديوسى» تەخمىنەن 13 مىڭغا يېقىن تەتقىقاتچىنىڭ كېلىمات كرىزىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىق ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىدنىڭ سۆھبەت پروگراممىسى چەكلىمىسى سەۋەبىدىن دۆلەت تېلېۋىزىيەسى باش دېرىكتورى لېساد داخىشنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ھەر يىلى 30 تۈرك ئوقۇغۇچىغا قاتار ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، لىۋاندىكى 10 مىڭ 200 تىنچلىق ساقلاش ئەسكىرىگە ئىسپانىيەنىڭ ئۈچىنچى قېتىم قوماندانلىق قىلىشنى پالانلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Mundo› گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقى فوندلىرىنىڭ رايونلارغا كۆرە تەقسىملىنىشىنىڭ ئاپتونوم رايونلار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا ھازىردىن باشلاپلا تۇنجى توقۇنۇشنى پەيدا قىلغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ تەقسىماتنى تەنقىد قىلغان ئاپتونوم رايونلارغا ئاجرىتىلغان مەبلەغلەرنى قايتۇرىۋىلىش بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»، ئېكۋادور دۆلەتلىك مائارىپچىلار جەمئىيىتى (UNE) غا ئەزا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىنقى پارلامېنت ماقۇللىغان مەدەنىيەتلەر ئارا مائارىپ قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەرگە رىئايە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «<Lenta.ru> خەۋەرلەر تورى»، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 12 جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسىنىڭ ھۆكۈمەتكە 2 - شىمالىي ئېقىم لايىھەسى توغرىسىدا ئۇلتىماتوم تاپشۇرغانلىقىنى، مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېنغا يوللانغان مەكتۇبتا، ئەگەر لايىھەگە مۇناسىۋەتلىك ئېمبارگولار ئىجرا قىلىنمىسا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ لايىھەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۆزگەرمىسە، مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى تەيىنلەشلەرنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹RIA Novosti› ئاگېنتلىقى»، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تۈنۈگۈن ئاقسارايدا بېلورۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى سۋېتلانا تىخانوۋىسكايا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹Regnum› ئاگېنتلىقى»،  روسىيە ئايال تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قولۋاق ھەيدەش تۈرى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې پارىسېن›  گېزىتى»، (فىرانسىيە پرېزىدېنتى) ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئۇنى گىتلېرگە ئوخشىتىپ پىلاكات ياسىغان كىشى ئۈستىدىن جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو›  گېزىتى»، (فىرانسىيەدە) تۈرمىلەردە 1-ئىيۇلغىچە بولغان ھېساب بويىچە 68 مىڭغا يېقىن مەھبۇس بارلىقىنى ۋە مەھبۇسلار سانىنىڭ بىر يىلدا %15.7 ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى»، پېگاسۇس جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى مەسىلىسىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەقەگە جىددىي مۇئامىلە قىلغانلىقى ھەققىدە فىرانسىيەگە كاپالەت بەرگەنلىكىنى ۋە پارىژ  دائىرىلىنىڭ ئىزھات كۈتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر