05.07.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1669956
05.07.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەلۋەتەن گېزىتى»، قاتار بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، ئەتە (2021-يىلى 6-ئىيۇل) نىڭ يەر شارىنىڭ قۇياشتىن ئەڭ يىراق بولغان كۈن بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «ئەلۋەتەن گېزىتى»، ئۇممان دېڭىز ئارمىيە قوماندانى گېنېرال بەھرى سەيف بىن ناسىر ئەلراھبى باشچىلىقىدىكى ھەربىي ھەيئەتنىڭ، بۈگۈن (2021-يىلى 5-ئىيۇل) ئەتىگەن ئەنگلىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر ئالگېماينې زەيتۇڭ گېزىتى» (Frankfurter Allgemeine Zeitung)، ئەزەربەيجاننىڭ 15 ئەرمېنىيەلىك مەھبۇسنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى (Tagesschau.de)، گېرمانىيە سىياسەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەملىتىشكە بارمىغانلارغا جەرىمانە قويۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، بىر تەتقىقات دوكلاتىدا، ئىسپانىيەدە 35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكىلەرنىڭ ئىشسىزلىق، مال باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى ۋە كېلەچېكىدىن قايغۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۆي ئىجارىگە ئېلىش ياكى ئۆي سېتىۋېلىشقا قىزىقمايدىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «ئېل ناتسىيونال گېزىتى» (El Nacional)، ئامېرىكا جون خوپكىنس ئۇنىۋېرستېتى (JohnHopkins) نىڭ تەتقىقاتىدا، ۋېنېزۇئېلا نوپۇسىنىڭ %0.8 نىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى بىلەن ئەملەنگەنلىكىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيەدە سىستېرالارنىڭ ساناتورىيەلەردىن قېچىۋاتقانلىقىنى؛ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ساناتورىيەدە 15 مىڭغا يېقىن خىزمەتچىنىڭ كەملىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، فىرانسىيە سەھىيە مىنىستىرى ئولىۋىيېر ۋېران (Olivier Véran) نىڭ، ئىيۇل ئېيى (2021) ئاخىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تۆتىنچى دولقۇنىنىڭ كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئەملەش توغرىسىدىكى بېسىملارنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر