29.06.2021

بۈگۈنكە چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1666634
29.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى، لىۋاندا بارغانسېرى يامانلاشقان تۇرمۇش شارائىتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئكتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ساياھەت قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت (Naftali Bennett) نى قوبۇل قىلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددەستۇر گېزىتى»،  ھىندىستاندا بايقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى «دېلتا» ۋارىيانتىنىڭ، چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، دۇنيانى قايتىدىن چەكلىمىلەرگە قايتۇرۇش بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، يىراقتىن چەت ئەللىك ئىشچىلارنى ئىشلىتىشنىڭ، شىركەتلەرنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، ۋۇخەن ۋىرۇسى دېلتا ۋارىيانتىنىڭ چېگرا خىزمەتلىرىدە ياۋروپالىقلارنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «زۈددايچە زەيتۇڭ گېزىتى» (Süddeutsche Zeitung)، گېرمانىيەدە كۆرۈلۈۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە، دېلتا ۋارىيانتىنىڭ %35 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۈمە كۈنى (2021-يىلى 25-ئىيۇن) ھەربىيلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، مالىيە سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «زېئىت.ئونلاين» تورى (Zeit.online)، ناتو بىلەن ئۇكرائىنانىڭ، رۇسىيەگە قارىماي، قارادېڭىزدا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيەدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى دېلتا ۋارىيانتىنىڭ تەھدىتى ۋە يېقىنقى كۈنلەردە بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ياشلارنىڭ ئەملىنىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىككى تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئوخشىمىغان ۋاكسىنالار بىلەن ئەملىنىش ۋە ۋاكسىنا تۈرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە «ر ب ك» تېلېۋىزىيەسى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئەڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا قالقان سىستېمىسى «S-500»، قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا «سارمات» (ICBM) ۋە «زىركون» (Zirkon) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئورتاق ئەھمىيەت بېرىدىغان ساھەلەردە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقى» (İnterfaks)، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى ۋە بۇ قىسىملارغا تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ ئاقدېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر