25.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1645201
25.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ياۋرو نىيۇس گېزىتى» (Euronews)، بېلارۇسىيەنىڭ رياناير (Ryanair) ئايروپىلانىنى مەجبۇرىي قوندۇرۇپ، ئايروپىلاندىكى ئۆكتىچى ژۇرنالىستنى تۇتقۇن قىلغانلىقىغا، ياۋروپانىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بومبا مۇتەخەسسىسىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «بېرلىنېر زەيتۇڭ گېزىتى» (Berliner Zeitung)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادا ئەڭ ئاز دېگەندە، 115 مىڭ سەھىيە خىزمەتچىسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ئىسىرائىلىيە بىلەن غەززە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تېل ئاۋىۋغا يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىباننىڭ قاتار پايتەختى دوھادا مۇزاكىرەلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋاكسىنا تارقىتىشتىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى»، پىرېزىدېنت ماكروننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ 2023-يىلى لىئون شەھىرىدە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)،فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (Air France) نىڭ، بېلارۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى يېڭى ئۇقتۇرۇش چىققىچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر