21.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1643115
21.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى بىيونتېك ۋاكسىناسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىننىڭ تۈركىيەگە ئىيۇن ئېيى (2021) نىڭ ئاخىرىغىچە 30 مىليون ۋاكسىنا، سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە بولسا جەمئىي 120 مىليون ۋاكسىنا سېتىپ بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «زۈددايچە زەيتۇڭ گېزىتى» (Süddeutsche Zeitung)، گېرمانىيە ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) دۇنيا مىقياسىدا چوڭقۇرلاشتۇرغان ئاچارچىلىق مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ز د ف.دې» تورى (zdf.de)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈنگىچە تەستىقلانغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىنىڭ، ۋىرۇسنىڭ ھەممە ۋارىيانتلىرىغا قارشى ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەل مالىكىنىڭ ب د ت غا خىتاب قىلىپ: «بەزىلىرىمىز بەزى پەلەستىنلىك ئائىلىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈلۈشىگە جىمجىت قاراپ تۇرغان بولسا، بىر ئىسىرائىلىيەلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەيىبلەشتە قانداق بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەررايە ئەلقاتارىيە گېزىتى»، «ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغىنى ئۇرۇش جىنايىتىدۇر» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، مانش دېڭىزىدا ئونلارچە مۇساپىرنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، فىرانسىيەدە 31-ماي (2021) دىن باشلاپ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئەملەش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، ياۋروپا ۋاكسىنا پاسپورتى مەسىلىسىدە، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

چىلىدا چىقىدىغان «لا تېرسېرا گېزىتى» (La Tercera)، ئارگېنتىنالىق پۇتبولچى مارادونانىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك يەتتە كىشىنىڭ «قەستەن ھالدا ئۆلۈمگە سەۋەب بولۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بەزى دۆلەتلەرنىڭ سىبىرىيەدىكى بايلىقلارنىڭ يالغۇز رۇسىيەگىلا تەۋە بولۇشىدىن بىئاراملىقىنى تىلغا ئالغانلىقىغا جاۋاب بېرىپ: «رۇسىيەدىن بىرەر پارچە يۇلىۋالماقچى بولغانلارنىڭ چىشىنى، ئىككىنچى چىشلىۋالمىسۇن دەپ تۆكۈۋېتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ياسىلىۋاتقان «2-شىمالىي ئېقىم» تۇرۇبا يولى لايىھەسىگە قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارگونى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنى ئەيىبلەپ، ئېمبارگونى قايتا يولغا قويىدىغان بىر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر