13.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1638915
13.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباسنىڭ «قۇددۇس قىزىل سىزىق... تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن قۇددۇس ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرىگە سەھىپىلىرىدىن ئورۇن بەردى.

ئوماندا چىقىدىغان «ۋەتەن» گېزىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئۈچ ئادەمنى شېھىت قىلغانلىقى، غەززە ھۇجۇمىدا شېھىت بولغانلار سانىنىڭ 35 كە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې ماتىن» گېزىتى، نېپال ساياھەت ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرىنىڭ، ئېۋېرېست تېغىدا بىرى ئامېرىكالىق، يەنە بىرى شىۋېيتسارىيەلىك بولۇپ ئىككى تاغقا ياماشقۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، 5- ئاينىڭ 29- كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى ئاككور مەيدانىدا كوۋىد – 19 چەكلىمىلىرى بوشىتىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق سىناق كونسېرتىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، فىرانسىيە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىن شاللانغان ۋە فىرانسىيە بىرلەشمىسى (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 1) دىكى چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان پارىژ ساينت گېرمان كوماندىسى مىباپپې كوماندىسى ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللىي تاپقانلىقىنى؛ كوماندىنىڭ قاتتىق تىركىشىش ۋە جازا توپتىن كېيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن نامىنى يازغۇزغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن بۇيان ئىسپانىيەدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەپتىلىك قازا قىلىش نىسبىتىنىڭ %90 ئازايغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئارگېنتىنانىڭ «لا ناسىئون» گېزىتى، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىش» نى تەنقىد قىلغانلىقىنى يازدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، كولومبىيەدىكى 15 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىغا كېڭەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «زېئىت ئونلاين» تورى، ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرزنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى، يېڭى ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ياز ئايلىرىدا  ياۋروپادىكى تەتىل ئىشلىرىنىڭ ئاسانلىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتلىق مەھكمىسى ئاخبارات ئىشلىرى كاتىپى لىلىيا گالىموۋانىڭ،  11- ماي مەيدانغا كەلگەن مەكتەپ ھۇجۇمىدا يارىلانغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى، بەش بالىنىڭ موسكۋاغا داۋالىنىشقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «گازاتە.رۇ» تورى، بىلۇمبېرگ قانىلىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى ئارىسىدا رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز سايلام ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىمىنى «ئۆزىگە قېتىۋېلىش» ۋە رايون خەلقىگە رۇسىيە پاسپورتى بېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بىر ھۆججەتنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا» گېزىتى، رۇسىيەدە قورال ئېلىپ يۈرۈش تۈزۈمىنى كۈچەيتىشنى مەزمۇن قىلغان بىر  قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ماقۇللىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان قانۇنغا ئاساسەن، مىلتىق ۋە ئوقلارنىڭ ئىزىنى رەقەملىك مۇھىتتا قوغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى يازدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر