04.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1633630
04.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددەستۇر گېزىتى»، ئىسىرائىلىيە دېڭىز ئارمىيە قولۋاقلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بېلىقچى كېمىلىرىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ ۋىرجىنيە ئىشتاتىدىكى مەركىزىنىڭ ئالدىدا قوراللىق بىر ۋەقەنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئالقاتارىييە گېزىتى»، ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا راكېتا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ نۇرغۇن تەنقىدلەشلەردىن كېيىن، قوبۇل قىلىنىدىغان مۇساپىرلار سانىنى 62 مىڭ 500 گە چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئېھتىماللىقنىڭ قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەش ئىشلىرىدا، 5 مىليون كىشىنىڭ ئىككى قېتىملىق ۋاكسىناسىنى ئەملەش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر گېزىتى» (Telesur)، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ مەزگىلىدە بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەن كۆچمەنلەر ئائىلىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ۋېلت.دې» تورى (Welt.de)، بۇ يىل (2021) مىيۇنخېن شەھىرىدە دۇنياغا داڭلىق ئۆكتەبىر فېستىۋالىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «زۈدندايچە زەيتۇڭ گېزىتى» (Süddeutsche Zeitung)، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىنى ئەملەتكەنلەر ئۈچۈن بەزى چەكلىمە تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تەستىقلانمىغان ۋاكسىنالار ئۈستىدە تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Russia Today» گېزىتى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاوۋانىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىۋىفت (بانكالار ئارىسىدا ئېلېكترونلۇق فون ئەۋەتىش ئۆلچەم كاپالەت سىستېمىسى» نىڭ سىرتىغا چىقىرىۋىتىش ئېھتىماللىقىنى ھازىرچە پەرەز سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما خەتەرلەر ۋە زىيان سېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئازايتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى»، ئەرمېنىيە باش تەپتىش ئىدارىسىنىڭ پىرېزىدېنت ئارمېن ساركىسياننىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقى بارلىقى سەۋەبىدىن ئەرز سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پىرېزىدېنت ئارمېن ساركىسياننىڭ ئەنگلىيەنىڭ پۇقرالىقىنى جەمئىيەتتىن يوشۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ر ب ك» خەۋەرلەر تورى (RBK)، G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر