27.04.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1629077
27.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «ئا ر د.دې» تورى (ard.de)، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (kovid-19) ۋاكسىناسى سېتىپ بېرىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئاسترازېنېكا (AstraZeneca) شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېر ستېيىنمىيېر (Frank-Walter Steinmeier) بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ پارىژدا كۆرۈشۈپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا قىيىن مەزگىلدىن ئۆتۈۋاتقان ياۋروپانىڭ دەرھال «ئىتتىپاقلىشىشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ز د ف. دې» تورى (zdf.de)، ھىندىستاندا ئۇدا بەش كۈندىن بۇيان ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇم سانىنىڭ 300 مىڭدىن ئېشىپ رېكورت سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، گېرمانىيەدە بىر كىشىنىڭ پويىزدا سۈرىيەلىك بىر ياشقا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ زور نارازىلىق قوزغىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىتتە يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئالدۇلئەزىزنىڭ قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامەدنى سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، قاتارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشنى قوللايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ھىندىستان ۋارىيانتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، فىرانسىيە چېگرالىرىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، فىرانسىيەنىڭ ھىندىستانغا ئوكسىگېن ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، كاتالونىيە رايونىنىڭ بۇندىن كېيىن ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىم 400 مىڭ ياكى 450 مىڭ ۋاكسىنا سېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئا ب س تېلېۋىزىيەسى» (ABC)، پېرۇ ئالىملىرىنىڭ پېرۇ ياكى چىلىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ۋە باشقا دۆلەتلەرگە «تارقالغان» ئېھتىمالى بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋارىيانتىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كۇبادا چىقىدىغان «پرېنسا لاتىنا گېزىتى» (Prensa Latina)، بىرازىلىيە پارلامېنتى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ، پىرېزىدېنت بولسونارو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىگە قىلغان خىلاپلىقلىقلىرىنى تەكشۈرۈشنى بۈگۈن (2021-يىلى 27-ئاپرېل) باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە «ئوچۇق ئاسمانلار كېلىشىمى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، رۇسىيە بىۋاستە سېلىنما فوندى (RDIF) نىڭ 1-مايدىن باشلاپ ھىندىستانغا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ياسالغان « V –سپۇتنىك» ۋاكسىناسىنى ئېكسپورت قىلىشنى پىلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر