06.04.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1615654
06.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، تۇنىسنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قالايمىقان كۆچ مەسىلىسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇھاكىمە قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» تورى (Bild.de)، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۆزىنى 2036-يىلىغىچە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغۇزىدىغان قانۇننى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، جەبىلتارىق نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاكسىنا بىلەن ئەملەنگەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ماسكا تاقاشتىن قۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ئا ر د. دې» تورى (ard.de)، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ پۇقرالارنى چەت ئەل ساياھىتى ئۈچۈن بىر ئاز سەۋر قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  غا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ تۆتىنچى دولقۇننىڭ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ %10 دە سالامەتلىكى ياخشىلىنىپ ئارىدىن ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن، قايتا كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيە ئىقتىساد مىنستىرى برۇنو لېماير (Bruno Le Maire) نىڭ فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى (Air France) غا 4 مىليارد ياۋرولۇق يېڭى ياردەم قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، پورتۇگالىيەدە مۇزېيىلارنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا بولسا، ماگېزىنلارنى قايتىدىن ئېچىشنىڭ پىلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، فىرانسىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «گازەتە.رۇ» تورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەدىن ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ئەسكەر يۆتكەش ھەرىكەتلىرىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ر ب ك» تورى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۆزىنى پىرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىشكە يول قويىدىغان قانۇننى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر