11.03.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان ىەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1599248
11.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ھەربىي مانېۋىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، فايزېر-بىيونتېك شىركەتلىرىنىڭ مارت (2021) ئېيىدا ياۋروپانى 4 مىليون ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ر ن د .دې» تورى (rnd.de)، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يادرو رېئاكتور قازىنىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا سىن شەكلىدە قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئاۋستىرىيەدە چىقىدىغان «دېر ستاندارد گېزىتى» (Der Standard)، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ بۈگۈن (2021-يىلى 11-مارت) بىرىنچى قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «د پ ئا» ئاگېنتلىقى (dpa)، ئالما شىركىتىنىڭ گېرمانىيەگە 1 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈن ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنى 65 ياشقىچە بولغان ھەر كىشىگە ئەملەشنى تەستىقلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، لىۋىيە پارلامېنتىنىڭ باش مىنىستىر ئابدۇلھامىت دۇبەيبە ھۆكۈمىتىگە ئىشەنچ ئاۋازى تاشلاپ، سايلامنىڭ يولىنى ئاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزەرە قانىلى، ئىسىرائىلىيە-مىسىر سۆھبىتىدە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، رۇسىيە دۇماسىنىڭ باشلىقى ۋىياچېسلاۋ ۋولودىن (Viacheslav Volodin) نىڭ، رۇسىيەنىڭ ئاستا-ئاستا دوللارغا تايىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «روسسىسكايا گېزىتى» (Rossiyskaya)، بىر گېرمانىيەلىك ئائىلىنىڭ «5-سپۇتنىك» (Sputnik V) ۋاكسىناسىنى ئەملەتكۈزۈش ئۈچۈن رۇسىيەگە كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ۋېدوموستى گېزىتى» (Vedomosty)، ياپونىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان زېمىن ئىختىلاپىنى ئۆزىگە پايدىلىق شەكىلدە ھەل قىلىش ئۈچۈن جەنۇبىي كۇرىل ئاراللىرىنى قورشاۋغا ئېلىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر