18.02.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1586095
18.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر ئالگېماينى زەيتۇڭ گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئامېرىكادا ۋاكسىنا ياسايدىغان مودېرنا (Moderna) شىركىتى بىلەن جەمئىي 300 مىليون شىشە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19 ) ۋاكسىناسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن يېڭى كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئامېرىكا سايلاملىرىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر يەرگە توپلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «خاندېلسبلات گېزىتى» (Handelsblatt)، ياۋروپا ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن زور قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien )، چېگرا ھالقىغان مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىغا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش توغرىسىدا چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro) ياۋروپالىقلار بىلەن ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىنى قۇتقۇزۇۋېلىش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، رەپ سەنئەتچىسى پابلو ھاسېل (Pablo Hasél) نىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا قارشى قوزغالغان نامايىشلارنىڭ مادرىدقا كېڭەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رەپ سەنئەتچىسى پابلو ھاسېل پادىشاھ ئائىلىسىگە ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغان ئىدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، ئىسپانىيە خەلق ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ 45 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنى ئاسترازېنېكا (AstraZeneca) ۋاكسىناسى بىلەن ئەملەشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infoabae)، پان ئامېرىكا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ، ۋېنېزۇئېلانىڭ كوۋاكس (Covax) تىن 18 مىليون شىشە ۋاكسىنا سېتىۋېلىشى ئۈچۈن 18 مىليون دوللار زاكالەت بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە قانىلى، ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، تۈركىيەدىكى ساياھەتچىلىك دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ زىيارەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىسىرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ھەمبەھىرلىگەن ئىبرانىيچە ئۇچۇر بىلەن، ئەلچىخانا تۋىتتېر ئادرېسىنى ئاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، ئۇكرائىنا تەبىئىي گاز شىركىتى «نافتوگاز» نىڭ باشلىقىنىڭ «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يول قۇرۇلۇشىنى توختىتىشنىڭ، ئۇكرائىنا ئۈچۈن «ئۆلۈم كۆرۈم» مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 «نافتوگاز» نىڭ باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لايھەنىڭ تاماملىنىشى، ئۇكرائىنانى «رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى» غا قارشى تېخىمۇ مۇداپىئەسىز ھالغا كەلتۈرىدىكەن.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «رىيا نوۋوستى گېزىتى» (RİA Novosti)، 2021-يىلى 30 دىن ئارتۇق رۇسىيە بانكاسىنىڭ سودا گۇۋاھنامىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان رۇس ئۆكتىچى رەھبىرى ئالېكسېي ناۋالنىينى دەرھال قويۇپ بېرىش تەلىپىنى، موسكۋانىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىش دەپ قاراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر