26.01.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1571206
26.01.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ ن ت ۋ (N-TV) قانىلى گېرمانىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئۆزگەرگەن تۈرىگە قارشى جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىتالىيەنىڭ فاز (FAZ) قانىلى، باش مىنىستىر جۇزۇپپې كونتې (Guiseppe Conte) نىڭ ئىستېپا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro) فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ چەت ئەل شىركەت خوجايىنلىرىغا ئىسلاھاتلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر قانالدا يەنە، گىرېتسىيەنىڭ فىرانسىيەگە 2.5 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە 18 دانە رافالە (Rafale) ئۇرۇش ئايروپىلانى زاكاس قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، ب د ت بالىلار فوندى (UNICEF) نىڭ، «سۈرىيەدىكى بالىلارنىڭ يېرىمىنىڭ مائارىپتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى» خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، باغداد ئايرودۇرۇمى ئەتراپىغا ئۈچ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ چۈشكەنلىكىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئىسىرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى كوھېن باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ سۇداننى زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرى سالۋادور ئىللا (Salvador Illa) نىڭ كاتالونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۇيۇقسىز خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى، ئەمما بۇ قارارنىڭ ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ۋە ئۆكتىچىلەرنى نارازى قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىسپانىيەنىڭ ۋىللېنا (Villena) تۈرمىسىدىكى %60 مەھبۇسنىڭ كارانتىن ئاستىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، «نوۋىچوك» (Noviçok) ناملىق زەھەرلىك خىمىيەلىك قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچى شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان «لېيونىد رىڭك» (Leonid Rink) شىركىتىنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئۈنۈملۈك دورا ياساشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ۋېدوموستى گېزىتى» (Vedomosti)، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى ئاستا-ئاستا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھىكمەت ھاجىيېۋنىڭ تاغلىق قاراباغدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رۇسىيە تىنچلىق قىسىملىرىنىڭ يۇقىرى كەسپىي سەۋىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر