07.01.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1559130
07.01.2021

گېرمانىيەنىڭ «‹Bild.de› خەۋەرلەر تورى»، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىرگەنلىكى ۋە بەزى ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىنى دۇمبالاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹Sueddeutsche.de› خەۋەرلەر تورى»، ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە تۆت كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«گېرمانىيە ئاۋازى راديوسى»، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ  تۈنۈگۈن كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى ماقۇللانغان قاتتىق قارارلار دائىرىسىدە مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ تاقىلىشى تەنقىد قىلىنغانلىقىغا قارىتا «مەكتەپلەرنى تاقاش كېرەك ئىدى» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، كوۋىد -19 ۋاكسىناسىنى ئەملەشتە گوللاندىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ ئاخىرقى دۆلەت بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹لې فىگارو›  گېزىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كوۋىد-19 غا قارشى مودېرنا ۋاكسىنىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»،  لوندون دائىرىلىرىنىڭ «گېن ئۆزگىرىشىگە ئۇچرىغان تېز تارقىلىشچان يېڭى كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ ۋاكسىنىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتلىرىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئامېرىكىدا پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە ساقچىلارنىڭ ئوق چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ئەليوۋم› گېزىتى»، سايلانغان پىرېزىدېنت جو بايدېننىڭ دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىرگەن ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئەيىبلەپ: «دېموكراتىيەگە مىسلى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇم» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹La Vanguardia› گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى دەپ جاكارلىغان جۇان گۇيدونىڭ پرېزىدېنتلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى جو بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرىشىنى كۈتمەستىنلا توختاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كۇبادا چىقىدىغان «‹Prensa Latina › گېزىتى»، كوۋىد -19 سەۋەبىدىن مېكسىكانىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە دوختۇرخانىلارنىڭ تولۇپ كېتىش نىسبىتىنىڭ %83 كە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹ Infobae › گېزىتى»، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 4 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 14 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئۆسمۈرلەرگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە  «ياخشىلىق چەمبىرىكى» ناملىق قوندى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «<Lenta.ru> خەۋەرلەر تورى»، كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا ساياھەتچىلەرنىڭ مۇز ئاستىدا قالغانلىقىنى، ۋەقەدە 1 كىشى قازا قىلىپ، 3 ساياھەتچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «<RBK > خەۋەرلەر تورى»، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇبىدىكى چېگرالاردا چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر