05.01.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1557602
05.01.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قاتارنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 4-يانۋار) كەچتىن باشلاپ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ئاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامېد ئالسانىنىڭ «پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى» غا رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «t-online.de» تور بېتى، گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «dpa» تور بېتى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ساياھەتچىلىكنى 1990-يىلىنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئاۋستىرىيەنىڭ «ناخىستېن» (nachrichten.at) تور بېتى، ئەنگلىيە بىلەن جەنۇبىي ئافرىقادا كۆرۈلگەن ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى تۈرىنىڭ، ئاۋستىرىيەدىمۇ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ پۈتكۈل دۆلەتنى قايتىدىن كارانتىن ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرىنىڭ ئاستا بولۇشىنىڭ، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، فىرانسىيەنىڭ باشقا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دەل ئەكسىچە، مەكتەپلەرنى قايتىدىن ئاچىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋىرۇسنىڭ تېز تارقىلىشى سەۋەبىدىن بارلىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى 10 كۈن تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «ئېل مىلېنىيو گېزىتى» (El Milenio)، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىقىغا سايلانغان مېكسىكانىڭ، قورال-ياراغلارنى كونترول قىلىش مەسىلىسىگە ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، ئامېرىكانىڭ رۇمېنىيەگە «MQ-9 Reaper» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، رۇسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، خەلقنىڭ %33 ى 2021-يىلىدا ھەممىدىن بەك ئىشسىز قېلىشتىن قورقىدىكەن. %27 خەلق پۇلسىز قېلىشتىن، %11 خەلق بۇ يىل (2021) نىڭ ئۆتكەن يىلىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ناچار بولۇشىدىن قورقىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر