17.11.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1529139
17.11.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەدە چىقىدىغان «تاگېسشاۋ.دې» تورى (Tagesschau.de)، ئامېرىكا مودېرنا (Moderna) شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئۈنۈمىنىڭ %94.5 كە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ب ز-بېرلىن.دې» تورى (bz-berlin.de)، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن بېرلىن شەھەر باشلىقى مىشېل مۈللېر (Michael Müller) نىڭ ئوتتۇرىسىدا «دۆنەر كاۋىپى» تالاش-تارتىشىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى يىغىنىدا، باش مىنىستىر مېركېل دۆنەر ئۆچىرەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، بېرلىن شەھەر باشلىقىغا تەدبىرلەرنى چىڭىتىشنى ئېيتقان. بېرلىن شەھەر باشلىقى بولسا، مېركېلگە قارشى چىققان. شۇنىڭ بىلەن، ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش، يىغىننىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىشىغا سەۋەب بولغان.

گېرمانىيەنىڭ «ۋېلت.دې» تورى (Welt.de)، گېرمانىيەدە ئىشتات باش مىنىستىرلىرىنىڭ مەكتەپلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش تەكلىپلىرىنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Paíís)، ۋېنگرىيە بىلەن پولشانىڭ ئىسپانىيە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بولغان «قۇتقۇزۇش فوندى» نى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «ئېل ئۇنىۋېرسال گېزىتى» (El Universal)، ئۆزئارا دوستلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقان زىيارەتلىرىنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىكى مۇھىم ئامىللار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پېرۇدا چىقىدىغان «لا رېپابلىكا گېزىتى» (La Repuública)، فرانسىسكو ساگاستىنىڭ پېرۇنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، فىرانسىيەدە كارانتىننىڭ كىچىك ماگېزىنلارنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان«لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، ئامېرىكا مودېرنا شىركىتى ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئۈنۈمىنىڭ %94.5 كە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لۆسۋا گېزىتى» (Le Soir)، بېلگىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى كۈنلۈك يۇقۇم سانىنىڭ 5 مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سايلامدا جو بايدىننىڭ غەلىبىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەمما سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەل دۇستۇر گېزىتى»، لىۋاننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن «ئومۇمىيۈزلۈك تاقاش» نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ دۇبەي ۋە تېل ئاۋىۋ ئوتتۇرىسىدا پىلانلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ساركىسياننىڭ دۆلەتتە مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت سايلىمىغا تەييارلىنىشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر