02.11.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان ىەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1520147
02.11.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، تۇنىس پىرېزىدېنتى قائىس سەئىدنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى بويىچە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، كانادانىڭ كۇبېك ئىشتاتىدا بىر كىشىنىڭ قىلىچ بىلەن ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، بەش كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا قايتىدىن كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى؛ بۇ چەكلىمىلەرگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 ئەلجەزىرە قانىلى، ئالجىرىيەدە ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىنىڭ بېلىتىنى ساناش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەل قۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس (Tedros Adhanom Ghebreyesus) نىڭ كارانتىن ئاستىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھامېد ئەلسانىنىڭ لىۋىيە ئالىي دۆلەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى ىالىد ئاممار ئەل مىشرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى قىش ئايلىرىدا كىشىلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرىگە بويسۇنۇشىنى ۋە تېخىمۇ دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، 15 كۈن بۇرۇن يولغا قويۇلغان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنىڭ كاتالونىيەدە تەسىرىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقى (NSA)  نىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئېدۋارد سنوۋدېن (Edward Snowden) نىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەگە قوش پۇقرالىق ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس» (TASS) ئاگېنتلىقى،  بېلارۇسىيە ئۆكتىچى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سۋېتلانا تىخانوۋسكايانىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆكتىچىلەرنى تېخىمۇ ئاكتىپ قوللاشقا ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىرغانلىقىنى (SvetlanaTihanovskaya ) خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)،  ئاپتوماتىك قوراللار ئورنىتىلغان ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسكقا كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر