13.10.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1508044
13.10.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسىيىن گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ چارشەنبە (2020-يىلى 14-ئۆكتەبىر) ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ھەققىدە خەلققە خىتاب قلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك «كۈچلۈك ئىككىنچى دولقۇن» غا قارشى پوزىتسىيەسىنى قاتتىقلاشتۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە قانىلى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، تۈركىيە-قاتار يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيە كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق يىغىنىنىڭ، كېلەر ئاي (2020-يىلى نويابىر) ئاخىرىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، بىر پىدائىينىڭ كېسەل بولۇشى سەۋەبىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى خىزمەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك كاتتىباشلىرى ئۈستىدىن 1 مىڭ 220 ئەرز بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «دېر شپىيگېل گېزىتى» (Der Spiegel)، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارشى «ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىي» ئېمبارگوسى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«زېيت ئونلاين» (Zeit Online) خەۋەرلەر تورى، گېرمانىيەنىڭ قورال-ياراغ سېتىش مىقدارىنىڭ ئازايغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «گازەتە.رۇ» تورى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينى زەھەرلەشكە چېتىلغان كىشى ۋە شىركەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى» ئاگنېتلىقى (RIA Novosti)، خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن رۇسىيە ئايروفلوت ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ شاڭخەيگە بولغان ئايروپىلان سەپىرىنى بىر ئايلىق چەكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر