06.10.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1503646
06.10.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇمماندا چىقىدىغان «ۋەتەن گېزىتى»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا نوپۇسىنىڭ %10 نىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، قاتاردا ئېنېرگىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان خۇسۇسىي شىركەتلەر ئىقتىسادىنىڭ، سېنتەبىر ئېيىدا ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلمۇستەقبەل گېزىتى»، ئىراق پايتەختى باغدادتا چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرى جايلاشقان يېشىل رايونغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» تورى (Bild.de)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى داۋالانغاندىن كېيىن، ئاقسارايغا قايتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە پارلامنېتىدا ماسكا تاقاش بەلگىلىمىسىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لاۋانگۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ ۋىرۇستىن قورقماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، دېلتا ۋە گامما تىروپىك بورانلىرىنىڭ، مېكسىكانىڭ يۇجاتان ۋە كۋىنتانارو رايونلىرىغا تەھدىت سالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، پارىژ شەھىرىدە يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، مارسېليا شەھىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىم كېڭىشىنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەىدە چىقىدىغان «لىبېرېيشىن گېزىتى» (Libération)، ئېكسانموبىل (ExxonMobil) شىركىتىنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ياۋروپادا 1600 خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس» ئاگېنتلىقى، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەئېنبېكوۋنىڭ مەركىزى سايلام كېڭىشىگە سايلام نەتىقىلىرىنى تەكشۈرۈشىنى، زۆرۈر بولسا ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» (Lenta.ru) تورى، قىرغىزىستاندىكى نامايىشچىلار سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋنى تۈرمىدىن چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر