27.08.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1479947
27.08.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەسىلىسىدە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىمىلەرنى چىڭىتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىدارىسىغا گۇمانلىق ئىككى مەشغۇلات رايونىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«-24فرانس» قانىلى، 2021-يىللىق داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2021-يىلىنىڭ ياز پەسلىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«نىيۇس ساباھ گېزىتى»، ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىراقتا زۇكام ۋاكسېنىسىنىڭ بارلىق پۇقرالارغا ئۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەل قاتارىييا گېزىتى»، قاتارنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىنى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەل قۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، لىۋاندا ئىيۇل ئېيىدا پۇل پاخاللىقىنىڭ %100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە-ئامېرىكا ئورتاق تەلىم-تەربىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى (Tagesschau.de)، گىرېتسىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنى 12 مىلغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ئىسپانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بالىلار ئارىسىدىكى «يۇقۇملىنىش نىسبىتى» نىڭ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئالتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پانامادا چىقىدىغان «لا پرېنسا گېزىتى» (La Prensa)، ئامېرىكادا لورا قۇيۇنى خەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان تۆتكە چىقىرىلغانلىقىنى  خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «گازەتە.رۇ» تورى (Gazete.ru)، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگو تىزىملىكىنى يېڭىلىغانلىقىنى ۋە رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئىككى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ر ب ك ئاگېنتلىقى» (RBK)، سۈرىيەدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان رۇسىيە ئاپتوموبىلىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە، بىر قانچە ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، رۇسىيەنىڭ ھاۋادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنى بايقىيالايدىغان بىر ئاپپارات ياسىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر