تۈركىيە 2023 - يىلىنى ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى

پۇقرالار يېڭى يىلنى شەھەر مەيدانلىرىدا ھەر خىل پائالىيەت ۋە كونسېرتلار بىلەن كۈتۈۋالدى.

1926157
تۈركىيە 2023 - يىلىنى ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى
istanbul taksim istiklal.jpg
istanbul taksim istiklal.jpg
istanbultaksim yeni yil.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرزۇرۇمدا مىڭلىغان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار مەشئەللەر بىلەن قار تېيىلىش ۋە ئېتىلغاق ئېتىش بىلەن يېڭى يىلغا قەدەم قويدى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم قىشلىق ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەرجىيېس قار تېيىلىش مەركىزىدىمۇ يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر يېڭى يىلدىن ئىلگىرى كېچىدە مەشئەل يېقىپ قار تېيىلدى.

يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە سەلبىيلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەترەتلەرمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلدى.

بولۇ، مۇغلا، نەۋشەھىر ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەردە پۇقرالار كونسېرت ۋە يېڭى يىل پائالىيەتلىرى بىلەن كەچكىچە كۆڭۈل ئاچتى.

ئىستانبۇللىقلار ۋە ساياھەتچىلەرمۇ تاقسىم مەيدانى ۋە ئىستىقال كوچىسىدا يېڭى يىلنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى. مەيدانغا يىغىلغان كىشىلەر تەتۈر ساناشتىن كېيىن 2023-يىلىغا قىزغىنلىق بىلەن قەدەم قويدى.

پۇقرالار پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەڭ ئاۋات جايلارنىڭ بىرى بولغان قىزىلئاي مەيدانىدا 2023 - يىلىنىڭ كېلىشىنى تەبرىكلىدى. پۇقرالار مەيداندا ئۇسسۇل ئويناش ۋە ناخشا ئېيتىش ئارقىلىق 2023 - يىلىنىڭ دەسلەپكى مىنۇتلىرىنى كۈتۈۋالدى. يولدىكى ماشىنىلارمۇ كاناي چېلىپ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە تەڭكەش قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر