يىلدىرىم: تور بىخەتەرلىكى دېمەك مىللىي بىخەتەرلىك دېمەكتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، «بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر مەلۇمات نۆۋەتتە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرغا ئايلانماقتا. ھاياتىمىزنىڭ داۋامى ۋە خۇسۇسىيلىقلىرىمىز خەۋپ ئاستىدا. شۇڭا، تور بىخەتەرلىكىنى ساقلايدىغان ۋە خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىمىزنى قوغداشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. تور بىخەتەرلىكى دېمەك مىللىي بىخەتەرلىك دېمەكتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ مۇتەخەسسىسلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى مېڭىپ ئەمەس، يۈگۈرگەن ھالەتتە ئىلگىرىلەپ تولۇقلىشىمىز شەرت. ئالدىمىزدىكى بەش يىلدا ئون مىڭلارچە تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسىگە ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.