17.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2140691
17.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى كوباخىدزې بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بارلىق ئىنسانىيەت پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنى چوقۇم قوللىشى كېرەك. مەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان پەلەستىننى قوللاش ھەرىكەتلىرىنى ناھايىتى مۇھىم ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك، دەپ قارايمەن» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ساباھ» گېزىتى: گىرۇزىيە باش مىنىستىرى كوباخىدزېنىڭ ئەردوغاننىڭ بىر جۇمھۇر رەئىسلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ھەقىقىي رەھبەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىز ھەممىمىزگە ئۈلگە» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: <بايقار تېخنولوگىيە> شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى خالۇق بايراقتارنىڭ بايانات بېرىپ، شىركەتنىڭ «Bayraktar TB2» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سىستېمىسىنى تۈنۈگۈن پولشاغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خالۇق بايراقتار بۇ ھەقتە توختىلىپ: «شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر دۆلەتكە يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېكسپورتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان بولدۇق» دېگەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يېڭىلىنىپ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن سىركەچى-كازلىچەشمە تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ يۇقىرى باھا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ لىنىيە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ساياھەت تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «loneyplanet.com» تەرىپىدىن <ياۋروپادىكى ساياھەت قىلىشقا ئەرزىيىدىغان 6 تۆمۈر يول لىنىيەسى> قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

«ستار» گېزىتى: ئەنگلىيەدىكى «دەۋر ئالىي مائارىپ» (THE) ناملىق ئالىي مائارىپنى باھالاش ئورگىنىنىڭ، دۇنيادىكى  2024-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى «ياش ئۇنىۋېرسىتېتلار تىزىملىكى»گە 58 ئۇنىۋېرسىتېتى كىرگەن تۈركىيەنىڭ، تىزىملىكنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋەكىللىك قىلغان دۆلىتىگە ئايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر