مانا بۇ بىزنىڭ قەھرىمان ساقچىمىز

ئىزمىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، تۈرك خەلقىنىڭ قەھرىمان ساقچى ئوغلانى فەتھى سەكىننىڭ باتۇرلۇقى ۋە ئۆزىنى پىدا قىلىشى نەتىجىسىدە، چوڭ بىر پاجىئەنىڭ ئالدى ئېلىندى. ئۇ ئىزمىردىكى ئەدلىيە ئىدارىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئاپتوموبىل بومبىنى بايقاپ توختاتتى ۋە قاچماقچى بولغان بىر تېررورىستنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. چىققان ئېتىشىشتا، ئۆزىمۇ ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.