تۈركىيە بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە بىرازىلىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
2138234
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:
«برازىلىيەدە قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئادەم ئۆلۈش ھەم ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق. بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە، كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
بىرازىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى رىئودې گېرادې دوسۇل ئۆلكىسىدە ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.