ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە قەتلىئام يۈز بەردى

بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن قەتلىئام ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى زىلزىلىگە سالدى.

تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئۇۋالدې  شەھىرىدىكى روب باشلانغۇچ مەكتىپى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاراتقۇلىرى، ھۇجۇمدا 19 بالا بىلەن   قۇرامىغا يەتكەن 2 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 21  كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.