ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.

2129465
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا داۋاملىشىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 75 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

2024 – يىلى 1 – يانۋاردىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى ئىراقنىڭ شىمالىدا 331، سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا 417 بولۇپ، جەمئىي 748 گە يەتتى.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ كەسكىن داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قېچىشمۇ داۋاملاشماقتا.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ساھەلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە بىر تېررورچى،  4 – ئاپرېل كۈنى ھاربۇر چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىغا تەسلىم بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرى بۇ يىل ياز مەۋسۇمىدا يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر