ئىبراھىم قالىن سومالى پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن سومالى پايتەختى مۇقدىشۇ زىيارىتىدە، پىرېزىدېنت ھەسەن شەيخ مەخمۇت تەرىپىدىن ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلىندى.

2134064
ئىبراھىم قالىن سومالى پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىننىڭ مۇقدىشۇدا پىرېزىدېنت ھەسەن شەيخ مەخمۇت، دۆلەتلىك ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئاگېنتلىقى (NISA) نىڭ باشلىقى ئابدۇللاھى موخامەد ئەلى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈشتە، بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات ساھەلىرىدە ئەششاباب تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش، رايون مۇقىملىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تۈركىيە بىلەن سومالى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەخمۇت سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارغا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر