ئىراقنىڭ شىمالىدا 5 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.

2133898
ئىراقنىڭ شىمالىدا 5 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىشان قىلىنغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلدى. تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر