خاقان فىدان گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە گوللاندىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2129437
خاقان فىدان گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر خاقان فىداننىڭ ئەتە گوللاندىيەگە بېرىپ، گوللاندىيەلىك مەنسەپدىشى خەنكې برۇيىنس سلوت بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش مۇساپىسى، تاموژنا ئىتتىپاقىنى يېڭىلاش ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر فىدان يەنە زىيارىتى جەريانىدا گوللاندىيەدىكى تۈرك جامائىتىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىلگىرى بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن <قۇرئان كەرىم>گە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

سۆھبەتلەر جەريانىدا، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۈمىدى گوللاندىيە تەرەپكە يەتكۈزۈلىدىكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ھۇجۇملىرى، ئۇكرائىنا ۋە قىبرىس قاتارلىق يېقىن ئەتراپتىكى مەسىلىلەرمۇ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر