جۇمھۇر رەئىس باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ئەنگىلىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ئەنگىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى مىنىستىرى لورد تارىق ئەھمەد بىلەن كۆرۈشتى.

2127213
جۇمھۇر رەئىس باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ئەنگىلىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە مىنىستىرى لورد تارىق ئەھمەد X ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىكى يازمىسىدا 11 - ئاپرېلدا پايتەخت لوندوندا ئاكىف چاغاتاي قىلىچ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەھمەد جۇمھۇر رەئىس باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «غەززەدىكى ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىش ۋە رايوندا زوراۋانلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىىشىنى توسۇش ھەمدە كەسكىنلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر