ئەردوغان -مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلام توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا 31-مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلام توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

2121942
ئەردوغان -مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلام توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن يەرلىك سايلام توغرىسىدىكى ئۇچۇرىدا: «بىز بارلىق ئوخشىماسلىقلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، 85 مىليون كىشىلىك چوڭ ئائىلىمىز. سايلام ناخشىمىزدا ئېيتقىنىمىزدەك: ھەممىمىز ئوخشاش باغنىڭ گۈلىمىز، ئوخشاش تاغنىڭ شامىلى. بىز ئىتتىپاقلىقىمىزنى قانچە مۇستەھكەم ساقلىساق، كەلگۈسىگە شۇنچە ئىشەنچ بىلەن قارىيالايمىز. بىزنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرىمىز، ياخشى كۆرىدىغان پارتىيەلىرىمىز، كېلىپ چىقىشىمىز، مىجەزىمىز ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئەمما تۈركىيە بىزنىڭ ئورتاق زېمىنىمىز، ئورتاق ئۆگزىمىز، ئورتاق ماكانىمىز. مىللىي ئىرادىنى نامايان قىلىش قورالى بولغان بېلەت ساندۇقى، 85 مىليون كىشىدىن تەشكىل تاپقان ھەممىمىزنىڭ شەرىپىگە ئامانەت. بىز ھەم بېلەت تاشلاش ھەمدە ئاۋازىمىزنى قوغداش ئارقىلىق دېموكراتىيەمىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز. 31-مارتتىكى سايلامنىڭ ھازىردىن تارتىپلا دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر