سومالى باش مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ ئۆزگەرمەس ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

سومالى باش مىنىستىرى ھەمزە ئابدى باررە تۈركىيەنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن «ئۆزگەرمەس ئىتتىپاقداش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2121390
سومالى باش مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ ئۆزگەرمەس ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى خەۋەر ئاگېنتلىقى سوننا (SONNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابدى باررە تۈركىيەنىڭ مۇقدىشۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئالپەر ئاكتاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالغان.

ئۇ سومالىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق تارىخىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە بىزنىڭ ئۆزگەرمەس ئىتتىپاقدىشىمىز» دېدى.

ئۇ باش ئەلچىئالپەر ئاكتاشنى يېڭى خىزمىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ، سومالىنى قىيىن مەزگىللەردە قوللىغان تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان تەرەققىيات تۈرلىرىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

باش ئەلچى ئالپەر ئاكتاش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، سومالى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر