ئىبراھىم كالىن دوھادا ھاماس ھەرىكىتى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن كۆرۈشتى

مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى ئىبراھىم كالىن قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ھاماس ھەرىكىتى سىياسىي بېيروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

2097137
ئىبراھىم كالىن دوھادا ھاماس ھەرىكىتى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇچرىشىشىتا ئەسىر ئالماشتۇرۇش، غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە قورشاۋغا خاتىمە بېرىشنىڭ يوللىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئۇچرىشىشىتا يەنە پەلەستىن خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئۇچرىشىشتا پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاساس ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر