ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2069066
ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بېرى غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قانۇنسىز ھۇجۇملىرى، پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيىتى ۋە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئەردوغان سۆھبەتتە، تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ پەلەستىن زېمىنىدا ئىسرائىلىيە قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرگە ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان غەززە رايونىدىكى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزۇن مۇددەتلىككە ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەتتە، ئەردوغان بىلەن رەئىسى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە-ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر