ئەردوغان «خەلقئارا ھالال يېمەكلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى»غا ئۇچۇر يوللىدى

جۇمھۇر رەئىسرەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھالاللىقى ئېتىراپ قىلىنغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجنىڭ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ پاكىز ۋە ساغلاملىقى ھەمدە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ياقتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتتى.

2068734
ئەردوغان «خەلقئارا ھالال يېمەكلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى»غا ئۇچۇر يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك «دۇنيا ھالال (يېمەكلىك)» يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر يوللىدى.

رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئەھمىيىتى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەنگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىدا تاشلانغان ھەر بىر قەدەمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «مەن 10 مىڭى چەت ئەللىك بولۇپ، جەمئىي 40 مىڭغا يېقىن مېھماننى كۈتۈۋالىدىغان <ھالال يېمەكلىك> يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ھالاللىق گۇۋاھنامىسىگە ئىگە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجنىڭ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ پاكىز ۋە ساغلاملىقى ھەمدە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ياقتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «بۈگۈنكى كۈندە يېمەكلىك، ساياھەت، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا ھالال يېمەكلىك بازىرىنىڭ سەرمايىسى 5 تىرىليون دوللاردىن ئاشىدۇ» دېدى.

مەيلى ئىستېمالچىلارنىڭ ھاللىق گۇۋاھنامىسىگە ئىگە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەيلى ھالال مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گۇۋاھنامىلەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز دۆلىتىمىزدە <ھالاللىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئورگىنى> تەسىس قىلىپ، بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىمىزنى ئىسپاتلىدۇق. ئورگىنىمىزنى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى ھەر ۋاقىت قوللاش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدە ھالال يېمەكلىك ساھەسىنىڭ تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر