ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ  ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئەردوغاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى

7-ئۆكتەبىردىن بېرى ھاماس تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

2066011
ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ  ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئەردوغاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پات پات ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان  ۋە كۈتكىنىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك ئائىلىلەر بۇ قېتىم جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا خەت يېزىپ ئارىلىشىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيەدىكى «ئەسىرلەر ۋە يوقاپ كەتكەن ئائىلىلەر مۇنبىرى» تەرىپىدىن يېزىلغان مەكتۇبتا، «بىز سىزنىڭ تەرىپلىگىلى بولمايدىغان ئازاب ۋە ئىزدىراپلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان بۇ كىرىزىسقا ئارىلىشىشىڭىز ئۈچۈن ياردىمىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. تۇتۇپ كېتىش ۋەقەسىدىن بۇيان پەرزەنتلىرىمىز، ئاياللىرىمىز، يولداشلىرىمىز ۋە ئاتا-ئانىلىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلالمىدۇق» دېيىلدى.

مەكتۇبتا، تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كۈچلۈك ئورنى تەكىتلىنىپ، «ئوتتۇرا شەرقتە، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا كەڭ تەسىرگە ئىگە شۇنداقلا رايوندىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ بىرسىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بىزگە ياردەم بېرەلەيدىغان ئالاھىدە سالاھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمىز. شۇڭلاشقا، ئەسىرلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش، زۆرۈر بولغان داۋالاش ئېھتىياجلىرى كېچىكتۈرمەستىن قامداشقا قۇلايلىق يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سىزگە چاقىرىقتا بولماقتىمىز» دېيىلدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىسىنىڭ قولىدا 200 گە يېقىن ئەسىرنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر