تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 100-يىلى نۇرغۇن دۆلەتلەردە تەبرىكلەندى

تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىدا دۆلەت بايرىمى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەندى.

2057389
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 100-يىلى نۇرغۇن دۆلەتلەردە تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەدىكى ئېسسېن كونسۇلخانىسىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلى تەبرىكلەندى. تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ «تۈركىيەنىڭ رەڭلىرى» ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى، ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى خاتىرە قالدۇردى.

گوللاندىيەدىمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100=يىلى تەبرىكلەندى. تۈركىيەنىڭ ئامستېردام كونسۇلخانىسىدا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

 باش كونسۇل مەھمۇت بۇراك ئەرسوي: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن ئۆزىمىزنى شەرەپلىك ھېس قىلماقتىمىز.  جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ يىلتىزلىرى ھېچ شۈبىسىزكى مىڭلارچە يىللىق دۆلەت ئەنئەنىسىگە تۇتىشىدۇ» دېدى.

كولومبىيەدىمۇ تۈركىيە مائارىپ ۋەخپىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى.  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلى پايتەخت بوگوتادىكى پارلامېنت بىناسىدا تۈركىيەگە ئايرىلغان مەخسۇس يىغىندا ئالاھىدە پىروگرامما بىلەن تەبرىكلەندى. پىروگراممىغا، تۈركىيەنىڭ بوگوتادىكى باش ئەلچىسى بەستە پەھلىۋان، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) ۋە مائارىپ ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراق پايتەختى باغدادتا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانا بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە، ئىراق قاتناش مىنىستىرى رەززاق مۇھايبىس، ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىلى ھىشام ئالەۋى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ باشلىقى ھەسەن تۇران ۋە باغدادتىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

بۇلغارىيە ۋە كوسوۋۇدىمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلى تەبرىكلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر