ئەردوغان: باكۇ-تىفلىس-قارس تۆمۈر يولىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باكۇ-تىفلىس-قارس تۆمۈر يولىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2140722
ئەردوغان: باكۇ-تىفلىس-قارس تۆمۈر يولىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى كوباخىدزې بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

«دوستانە دۆلەت گىرۇزىيە خەلقىنىڭ 10 كۈندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق كۈنىنى ھازىردىن باشلاپلا قىزغىن تەبرىكلەيمەن. مېھمان باش مىنىستىر ئىراكلى كوباخىدزې  بىلەن ئىككى دوستانە، قوشنا دۆلەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى سۈپىتىدە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردۇق.»

ئەردوغان بۇلتۇر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 3 مىليارد بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنى يېڭى مەزگىلدە 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«تارىخىي يىپەك يولىنى رېلىسلار ئارقىلىق قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان باكۇ-تىفلىس-قارس تۆمۈر يولىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى كوباخىدزې بىلەن  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھەم تەشكىللىك جىنايەت شايكىلىرىگە قارشى كۈرەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان قەدەملەرنى تاشلاش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«دۆلىتىمىز تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تەشكىللىك جىنايەت شايكىلىرىغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئەردوغان تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە گىرۇزىيە كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«كوماندىلىرىمىزغا ئالدىن ئۇتۇق تىلەيمەن.»

مېھمان باش مىنىستىر ئىراكلى كوباخىدزې  بولسا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى زىيارەت قىلغانلىقىدىن ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى جان تىكىپ قوغداۋاتقان مىسلىسىز رەھبەردۇر. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەپەندىم گىرۇزىيەنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. بىز كاۋكاز دۆلەتلىرىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش پىرىنسىپىنى قوللايمىز، بىز ھەردائىم ئىجابىي ھەمكارلىق ئورنىتىش تەرەپدارىمىز.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىم لايىھەسى» ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر