ئەردوغان ئىسرائىلىيەنى قىرغىنچىلىققا بېرىپ يېتىدىغان ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ دائىرىسىنى قەتئىي كېڭەيتمەسلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىپ يېتىدىغان ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

2053872
ئەردوغان ئىسرائىلىيەنى قىرغىنچىلىققا بېرىپ يېتىدىغان ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئازاب، ئۆلۈم ۋە كۆز يېشىدىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بالىلار، ئاياللار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش؛ دوختۇرخانا، مەكتەپ، مەسچىت ۋە چېركاۋلارنى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان: «زۇلۇم بىلەن ئاۋات (بەخىتلىك) بولغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، دۆلەت ئەقلى بىلەن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، رايون سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭمۇ كۇشكۇرتىشى بىلەن تەشكىلاتتەكلا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «رايونىمىز غەرب دۆلەتلىرى رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان، غەرب تاراتقۇلىرى يوللۇقلاشتۇرۇش بەيگىسىگە چۈشكەن بۇ تەلۋىلىك قاينىمىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى كېرەك. مەن بارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى غەززەدە ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنى تېزدىن قوللاشقا تەكلىپ قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قاراتقان <پۇقرالارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ دائىرىسىنى قەتئىي كېڭەيتمەسلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىپ يېتىدىغان ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىش> توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز مۇسۇلمانلار، يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە بۇ تۇپراقلاردا ياشايدىغان ھەممە كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان يېڭى مېخانىزملارنى ئورنىتىش ئارقىلىق رايونىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك مۇقىملىقىنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. تۈركىيە تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ قانلارنىڭ تۆكۈلمەسلىكى، تېخىمۇ ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك پاجىئەلىرىنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ۋە پەلەستىندىكى توقۇنۇشلار قايتقىلى بولمايدىغان نۇقتىغا بېرىپ يېتىشتىن بۇرۇن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر