فىدان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كلېۋېرلي بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈنۈگۈن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېيمس كلېۋېرلي بىلەن كۆرۈشتى.
2053898
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى <X> تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن ۋەزىر جېيمس كلېۋېرلينىڭ تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە كۆرۈشۈپ، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.