تۈركىيە تېل ئاۋىۋ يولۇچىلىرىغا ھاماسنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بېلەتنى كېچىكتۈرۈش ھوقۇقى بەردى

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززېدىن قاسىم بىرىگادىسىنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىدىن ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن تېل ئاۋىۋ يولۇچىلىرىغا ئايروپىلان بېلىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە كېچىكتۈرۈش ھوقۇقى بەردى.

2047712
تۈركىيە تېل ئاۋىۋ يولۇچىلىرىغا ھاماسنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بېلەتنى كېچىكتۈرۈش ھوقۇقى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ تور بېتىدىكى باياناتىدا، تېل ئاۋىۋ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋەقەلەر سەۋەبىدىن بۈگۈن ياكى ئىلگىرى تارقىتىلغان بېلەتلەر ئۈچۈن 7 – ئۆكتەبىردىن 9 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇچىدىغان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلانلار ياكى ئانادولۇ جېت شىركىتىگە تەۋە بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا تىزىملاتقان يولۇچىلارغا بېلەتنى ھەقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كېچىكتۈرۈش ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق  قوشۇمچە ھوقۇقلار بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا تېل ئاۋىۋغا بارىدىغان ياكى تېل ئەۋېۋدىن ئۇچىدىغان بارلىق تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ياكى ئانادولۇ جېت شىركىتىگە تەۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئۈچۈن 9-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنىگىچە ھەقسىز بېلەت قايتۇرۇشقا بولىدىغانلىقى، بېلەتنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىنى ھەق تۆلىمەستىن 30-نويابىرغىچە ئۇزارتسا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، بۇ رەسمىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە «https://www.turkishairlines.com/tr-int/tel-aviv-seferlerini-icin-yolcu-haklari» تور ئادرېسىدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا، تېل ئاۋىۋ بېن گۇرىيون ئايرودرومىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كېچىكتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر