مىنىستىر فىدان: تۈركىيە داخىل بولمىغان ھەرقانداق بىر پىلان ئەسلا ئىشقا ئاشمايدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە داخىل بولمىغان ھەرقانداق بىر پىلاننىڭ ئەسلا ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2038025
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە داخىل بولمىغان ھەرقانداق بىر پىلان ئەسلا ئىشقا ئاشمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىستانبۇلدىكى خەلىج يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك دۇنيا تۈرك كارخانىچىلار سودا كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «رايونىمىزدا تۈركىيە داخىل بولمىغان ئېنېرگىيە ۋە قاتناش كارىدورلىرى پىلانىنىڭ ئىشقا ئېشىشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

«بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئوتتۇرا شەرقنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان تەرەققىيات يولى لايىھەسىنى يولغا قويۇش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر