تۈركىيە دانىيە ۋە گوللاندىيە دىپلوماتلىرىغا نارازىلىقىنى يەتكۈزدى

تۈركىيە كوپېنھاگېن ۋە لاھەيدىكى ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا شۇنداقلا بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىنىڭ داۋاملىشىشىدىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى دانىيە ۋە گوللاندىيە دىپلوماتلىرىغا يەتكۈزدى.

2027481
تۈركىيە دانىيە ۋە گوللاندىيە دىپلوماتلىرىغا نارازىلىقىنى يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە گوللاندىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلىپ، ئۇلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ داۋاملىق كۆيدۈرۈلۈۋاتقانلىقىدىن ھېس قىلىنغان بىئاراملىق ئۇقتۇرۇلدى.

مەزكۇر دىپلوماتلارغا «بۇ رەزىل ھۇجۇملار» دىن پەيدا بولغان بىئاراملىق ئەسكەرتىلىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلىگەنلىكى ۋە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

دانىيە ئەلچىىانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى 18 – ئاۋغۇستتىتىمۇ ئوخشاش مەسىلە ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر