تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى
تۈركىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى پەسىلدە ئالدىنقى پەسىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 0.3 پوئىنت تۆۋەنلەپ، %9.7 كە چۈشتى.
2025838
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى (TUIK) بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى پەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئائىلە ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىشسىزلىق نىسبىتى 0.3 پوئىنت تۆۋەنلەپ، % 9.7 كە چۈشكەن.
2023-يىلىنىڭ 2-پەسىلدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ئالدىنقى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا 151 مىڭ كىشى ئېشىپ، 31 مىليون 513 مىڭ كىشىگە يەتكەن.
ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بولسا، 0.1 پوئىنت ئۆرلەپ، %48.2 كە يەتكەن.