شىمشەك: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى خەلقئارا قائىدە بويىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئېيتتى.

2023068
شىمشەك: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمشەك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Moody's نىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدىكى يىللىق ئانالىزى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ Moody's نىڭ ئانالىزىدا تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى خەلقئارا قائىدە بويىچە ۋە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان سىياسەتكە ئاساسەن داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ دۆلەتنىڭ كىرېدىت دەرىجىسى جەھەتتىن ئىجابىي قەدەم دەپ قارىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ماكرو پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كۈتۈلمىگەن ئىقتىسادىي زەربىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى خەلقئارا قائىدە بويىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىي. بۇنىڭ كىرېدىت دەرىجىمىزدە ئەكس ئېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر