مىنىستىر فىدان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

2016438
مىنىستىر فىدان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي تاشقى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىلەن كۆرۈشكەن.

مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىنغان.

سۆھبەتلەردە، «ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مەسلىھەت بېرىش مېخانىزمى، كونسۇلخانا مەسلىھەتلىرى، بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېت» قاتارلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ۋە كېڭىشىش مېخانىزملىرىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى تۈرى بىلەن ئوتتۇرا كارىدور پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، يادرو ئېنېرگىيەسى، دېھقانچىلىق، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ ۋە سىجىل قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىش يولىدا تاشلاشقا بولىدىغان قەدەملەر بىلەن ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش مەسىلىلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان.

زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتىكى رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە يەنە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە يەرشارى پۇل- مۇئامىلە سىستېمىسى قاتارلىقلارمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر